مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ھېكايىسىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئىتتىپاقلىق-دوستلۇق رىشتى ئورتاق بايان قىلىندى

شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ما شىڭرۇي قاتناشتى، ئەركىن تۇنىياز ئەھۋال تونۇشتۇردى

2024.04.21 23:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ بېيجىڭدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 49 دۆلەتتىن كەلگەن 21 نەپەر جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە 50 نەچچە نەپەر دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، دوستلۇق رىشتىنى ئورتاق بايان قىلىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋدۇڭ سۆز قىلدى.

  بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىنىڭ مۇقام زالى قىزغىن، دوستانە كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى «ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» ناملىق قىسقا فىلىم بىلەن باشلاندى.

  ئەركىن تۇنىياز ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭغا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولماقتا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنمەكتە، كۆپ خىل دىنلار ئىناق تەرەققىي قىلماقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلمەكتە، ھەممە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقماقتا. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بىز كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن زوق ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ جانلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  چېن شياۋدۇڭ جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان. ھالبۇكى، «رەڭلىك كۆزەينەك» تاقاپ شىنجاڭغا قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھېلىھەم بار، ئۇلار قەستەن يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، «ۋىرۇس» تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتىدۇ. يالغان-ياۋىداق سۆز ھامان يالغان-ياۋىداق سۆز، پاكىت ۋە ھەقىقەت ئالدىدا مۇقەررەر بەربات بولىدۇ. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەرقايسى ئەلچىلەر ۋە دىپلومات دوستلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى؛ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملىق قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ، گۈللەنگەن شىنجاڭنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشىنى؛ شىنجاڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىشىنى؛ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى داۋاملىق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئوبيېكتىپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى ياقلاپ، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، شىنجاڭنى ئالقىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم باش ئەلچىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭغا ئىجابىي باھا بەردى، شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتتە بولغان مەزگىلدىكى ھەقىقىي كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى ئەسلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى.

  جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې شېڭۋېن مۇنداق دېدى: 2023-يىلى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. شىنجاڭدا مۇتلەق نامراتلىق تۈگىتىلىپتۇ، خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، كۆپ خىللىق ئىچىدە ئىناق ئۆتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ.

  قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرىشېف مۇنداق دېدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسى نەتىجىلىرىنىڭ زور بىر قىسمى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىن كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، قازاقىستان بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىدە ئىجابىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىلى» ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  «بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە يۈزلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى سۈرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا كۆۋرۈك بولۇپ، رايون سودىسىنىڭ گۈللىنىشىنى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېز بوپتۇ، ھەر مىللەت خەلق ياخشى تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ» دېدى تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون، رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈگۈنى ۋە ئىقتىساد سودا تۈگۈنى. تۈركىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپنىڭ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە-زىيارەتتە بولغاندا، بۇ جاينىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش داۋامىدا گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «مەن پاكىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ، پاكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەت دوستانە ھەمكارلاشقانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاشىمى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى سىجىل تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن رۇيفېڭ، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو يېجوۋ، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن خەييەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاممىۋى دىپلوماتىيە جەمئىيىتى قاتارلىق مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېت ۋە جەمئىيەتلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ۋاڭ جيەنشىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ