مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو تەنتەربىيەسىدە «شىنجاڭدىكى ھەيران قالارلىق خۇشاللىق»لار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە

2024.04.21 22:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇسالام 2023-، 2024-يىللىق مۇسابىقە مەزگىلىدىكى CBA دائىمىي مۇسابىقىسىنىڭ MVP سى (ئەڭ قىممىتى بار توپچى) بولۇپ سايلاندى؛ بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى U23 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭلىق تۆت يىگىت تاللاندى؛ ئوخشاشلا، يېقىندا شىنجاڭلىق 17 ياشلىق يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى ئەلشىر ئۆمەر 20 كۈن ئىچىدە مەملىكەت رېكورتىنى ئىككى قېتىم بۇزدى... يېقىنقى كۈنلەردە، جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدە شەرەپ قۇچقان شىنجاڭلىق ئەزىمەتلەر «شىنجاڭدىكى ھەيران قالارلىق خۇشاللىق»لارنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرمەكتە.

  جۇڭگو تەنتەربىيەسىگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن «شىنجاڭ كۈچلىرى» شىنجاڭلىقلارنى ئىپتىخارلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەككە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنياغا شىنجاڭنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى تونۇشتۇردى.

  ئابدۇسالامنىڭ دائىمىي مۇسابىقىنىڭ MVP سىنى قولغا كەلتۈرۈشى شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغىنىغا ئوخشاش، شىنجاڭ ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭ بۇ يىل باھاردا بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقى. ئابدۇسالام ئېرىشكەن MVP مۇكاپاتى CBA دىكى قىممىتى ۋە دىققەتكە سازاۋەر بولۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى شەخسىي مۇكاپات تۈرى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇچار يولۋاس كوماندىسىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ئىچىدە، پەقەت باتىرلا بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىكى CBA مۇسابىقە مەيدانىغا نەزەر سالساق، MVP مۇكاپاتىنى ئاساسەن يى جيەنليەنگە ئوخشاش چولپانلارلا ئېلىپ كەلگەن. ئابدۇسالام CBA مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپلا قالماي يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە ئاتلاندى، توپ ماھارىتى، ئادىمىيلىكى، چىرايى ئوخشاشلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئابدۇسالام ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇش بىلەن بىللە مەملىكەت مىقياسىدا نۇرغۇن سادىق توپ مەستانىلىرىگە ئىگە بولدى. ھېچقانداق مۇبالىغىلەشتۈرمەي ئېيتقاندا، ئۇ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى 2017-يىلى CBA چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋاسكېتبولى جۇڭگو تەنتەربىيەسىگە ئېلىپ كەلگەن بىر زور سوۋغات بولدى.

  ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا يېڭى خۇشاللىقلار ئۈزۈلمىدى، پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا يېڭى نۇرلار چاقنىدى. دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغان بەھرام ئابدۇۋەلى، ئەفىرىدىن ئەسقەر، ئابلاخان خالىق، مۇتەللىپ ئىمىنقارى قاتارلىق شىنجاڭلىق تۆت ماھىرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى خەلقئارالىق مۇسابىقە مەيدانىدا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇتبول ئەزىمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بەھرام ۋە ئەفىرىدىن يەنە ئايرىم ھالدا 2023-يىللىق ۋە 2022-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، بۇ يىلقى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار مۇسابىقىسىدە يۇقىرىقى تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭلىق 24 يىگىت بولۇپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭلىق ماھىرلار ئەڭ كۆپ بولۇش تارىخىنى ياراتتى. شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ پۇتبولچى ئەزىمەتلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇتبول مەستانىلىرىغا شىنجاڭنىڭ پۇتبول سېھرىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشكە سەل قاراشقا بولمايدىغان شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

  يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى مەيدانىدا «شىنجاڭدىكى ھەيران قالارلىق خۇشاللىق» يېقىندا پۈتۈن تورنى بىر ئالدى. يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى ئەلشىر ئاۋال 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا 17يىلدىن بۇيانقى 400 مېتىرلىق مەملىكەتلىك ئۆي ئىچى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئاندىن ئۆزى ياراتقان بۇ تۈر رېكورتىنى ناھايىتى تېزلا يېڭىلىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدىن كەلگەن 17 ياشلىق بۇ يىگىت كىشىلەر تەرىپىدىن «سۇ بىڭتيەننىڭ ئىز باسارى» دەپ قارالدى. شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ «تەنتەربىيە نۇرى»نىڭ شىنجاڭ يېنىك ئاتلېتىكىسىنىڭ ئۈمىدى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكىسىنىڭمۇ كەلگۈسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يەنە تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ كۈچى» جۇڭگو تەنتەربىيەسىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالغان شىنجاڭ تەنتەربىيە يۇلتۇزلىرى كىشىلەرنى تىرىشىشنىڭ قىممىتىگە تېخىمۇ ئىشەندۈردى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ ئىسسىق تۇپراقتىكى پۇرسەت ۋە ئارزۇنى كۆرسەتتى، يەنە پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارمۇ تەنتەربىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ چوڭقۇر ئالاقە، يۇغۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سانسىزلىغان توپ مەستانىلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى نورمىدىن سىرت سان بىلەن نايك جۇڭگو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، كەسىپ ساھەسىدە جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىنىڭ «شىنجاڭ مۆجىزىسى» دەپ نام ئالدى؛ پۈتۈن توردا داڭق چىقارغان تارباغاتايلىق يىگىت لى جىڭلياڭ رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئەركىن ئېلىشىش ماھىرىنى تېخنىكىلىق يىقىتىپ، جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال ئېلىشىشتىكى يېڭى بىر ئەۋلاد باشلامچىسى بولۇپ قالدى؛ يەنە ئۇدا تۆت يىل داكار راللى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قۇمۇللۇق ماھىر زاكىر ياقۇپ جۇڭگو موتوسىكلىت ماھىرلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ئۇدا ئىككى نۆۋەت يېڭىلىدى... نوپۇزلۇق تەنتەربىيە مەستانىلىرى قىزغىن سۆيىدىغان ساھەلەردە شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە نۇرى تېخىمۇ يىراقلارغا چاقنىدى.

  شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تەنتەربىيەدە قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ چىقىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ كۈچى» بارلىققا كېلىپ، ئۆز مۇسابىقە يولىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شىنجاڭ نۇرىنى چېچىپ، جۇڭگو تەنتەربىيەسى ئۈچۈن «شىنجاڭدىكى ھەيران قالارلىق خۇشاللىق»لارنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭ مۆجىزىسى»نى ياراتقۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ