مۇھىم خەۋەرلەر

«شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان»

___ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2024.04.21 22:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. 49 دۆلەتتىن كەلگەن 70 نەچچە ئەلچى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى ھەقىقىي قاراش ۋە تەسىراتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى.

  جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شې شېڭۋېن سۆزىدە 2023-يىلى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ «ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مىھماندوستلىقى» دېدى. شيې شېڭۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقى كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەتتە ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ ھەمدە تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن. مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان نۇرغۇن ياشلار بۇنداق ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرىشېف مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىنجاڭدىكى قازاق مىللىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىدىكى كۆۋرۈك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، قازاقىستان بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەمكارلىقىدا ئىجابىي ۋەزىيەت كۆرۈلدى. شىنجاڭنىڭ قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالتۇندەك 30 يىلىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  «بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغانچىلىقى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى سۈرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەسەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەممىگە ئايان. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە خەلقنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەنە بىر كونكرېت مىسالى، شۇنداقلا كۆپ مىللەت ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىپ، رايون سودىسىنىڭ گۈللىنىشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى، ھەر مىللەت خەلقى ياخشى تەرەققىيات ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولدى» دېدى تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى يادرولۇق رايون، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد-سودا تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپنىڭ مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «زىيارەتكە قاتناشقاندا، مەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مۇھىت ئاسراش، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ» دېدى ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قوزغىيالايدۇ. يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ