مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سەپەرۋەر قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2024.03.18 15:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايون كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى كان ساھەسىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي ھالدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كان بىخەتەرلىكى بويىچە «بىر تۈردىكى ئىش» پۈتۈن زەنجىرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، كان بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ئەندىزىسىدە پاسسىپ مۇداپىئەلىنىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ ئالدىنى ئېلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم كانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپەت پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زور يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ ماھىيەتتىن بىخەتەر بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم ئارقىلىق كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، كانلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك؛ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە دائىملىق مانېۋىر ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باھالاش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ