«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.03.12 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2022 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» مۇقەددىمە قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئەسەرلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەن.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە جانلىق خاتىرىلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو مەسئۇلىيىتى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ سىرتقا قارىتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ