ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنى تەشۋىق قىلىشقا قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلىدى

2024.03.11 14:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنى تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  خەلق گېزىتى ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى ئىدارىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسى، جۇڭگو گېزىتى ئىدارىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتى ئىدارىسى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە جۇڭگو سىياسىي كېڭەش ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلار ۋەكىللىرى يوقلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن بولدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى، تور ۋە تور سىرتى، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆزگىچە مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە زور بىر تۈركۈم نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يىغىننىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلدى. مەن ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىرى ۋە ئۈنۈمىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ يوقلاشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ