لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.03.13 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2024-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا دائىر 2024-يىلىدىن 2030-يىلغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «ئۆلچەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش نىزامى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2024-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا دائىر 2024-يىلىدىن 2030-يىلغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «ئۆلچەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش نىزامى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا قاراپ چېقىلىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار «ھەر ۋاقىت غېمىنى يەيدىغان»مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە «ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇش»نى ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى؛ يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشلامچى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، قاتناشقان تارماقلار زىچ ماسلىشىپ ۋە قوللاپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا، تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سورتقا ئايرىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى ۋە رايونلارغا ئايرىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق زور تايانچ قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆلچەمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، كەسىپنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆلچەم تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار، ئىستېمالچىلار قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئېلىپ، جىددىي ئېھتىياجنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پىشىپ يېتىلگەنلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۆلچەملەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى، مائارىپ سۈپىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاشۇرۇشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، رايون، شەھەر-يېزا، مەكتەپلەر ئارا، ئاممىۋى مائارىپ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ماسلىشىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ جانلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئاجىز ھالقىلارغا مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك. يىغىندا «ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش نىزامى (تۈزىتىلمىسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، تۈرلۈك نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى بەلگىلەنگەن تەلەپ ۋە ئۆلچەم بويىچە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ