شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى زەردارىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2024.03.11 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاسىف زەردارىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ياخشى قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى قېرىنداشلار، ئىككى دۆلەتنىڭ جانجىگەر دوستلۇقى تارىخنىڭ تاللىشى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىدى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. مەن جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ زەردارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ