مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

2024.03.18 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ نەزىرى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ شەھەرگە مەركەزلەشتى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرمۇ ساياھەت قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋالدى.

  3-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھىرىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاغىلىق ناھىيەسىگە كەلدى، بۇ يەر دۆلەت يولى G219نىڭ شىنجاڭدىن شىزاڭغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ. شىيىتيار قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كەلگەندە، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ مىللىي چالغۇلارنى چېلىۋاتقانلىقىنى، لەرزان ئاھاڭنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  يېڭىسار ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يېڭىسار پىچىقى پەيدا بولغان جاي، شۇنداقلا «جۇڭگو دارۋازلىق ماكانى»، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن سانسىزلىغان ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلدى. پىچاق كەنتىگە كەلگەندە، قاتار-قاتار يېڭىسار پىچىقى دۇكانلىرى، ئىشكاپقا تىزىلغان ھەر خىل قەلەمتىراشلار كۆزنى چاقنىتاتتى.

  2024-يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي 4 مىليون 662 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 3 مىليارد 947 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ