مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 13-مارت سائەت 18:00 دە كۆك رەڭلىك قۇم-بوراندىن ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى:
مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 20:00 دىن 14-كۈنى سائەت 20:00 گىچە، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، چىڭخەينىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، نىڭشيا قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدىكەن.
مۇداپىئە كۆرسەتمىسى:
1. بوراندىن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ۋاقتىدا تاقاش؛
2. ماسكا، ياغلىق قاتارلىق چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، چاڭ-توزاننىڭ كۆز ۋە نەپەس يولىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش؛ نازۇك ئەسۋابلارنى ھىملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛
3. قورشاۋ تاختا، باراڭ، ۋاقىتلىق ياسالغان ئەسلىھەلەر قاتارلىق شامالدا ئاسان تەۋرىنىدىغان ئەسلىھەلەرنى چىڭىتىپ، قۇم-بوراننىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان ئۆي سىرتىدىكى ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش؛
4. كۆرۈش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا، شوپۇرلار سۈرئەتنى تىزگىنلەپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ