مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى يېپىلدى

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى

2024.03.11 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2162 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2085 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق ئەزالار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق ئەزالار ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. بارلىق ئەزالار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇش، يېڭى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات يولىدا ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىپ، شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە پۈتۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ قاتارلىقلار بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ