14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2024.03.11 09:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

  جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان تۇنجى يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشى ۋە دەۋر تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى، چوڭ پىرىنسىپى، چوڭ داۋلىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن - تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنىنى تۈزدى، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى ئىككى قېتىم قاراپ چىقتى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى. ئىككىنچى، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، قانۇن لايىھەسىدىن 34نى قاراپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 21نى ماقۇللىدى، بۇ، ئالتە قانۇن تۈزۈش، سەككىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە مۇھىم مەسىلىلەرگە دائىر قاراردىن يەتتىنى چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى. «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 22 دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، بەش قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈش، يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ئىككى تۈرلۈك قارار چىقاردى. ئاممىدىن كەلگەن 157 مىڭ 212 پارچە قېتىم ئەرزىيەتنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بېجىردى. تۆتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى. ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقە باغلىشىنى، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىنى كۈچەيتىشنى تۇتقا قىلىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى. بەشىنچى، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيەسىگە بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇردى. ئالتىنچى، «تۆت ئورگان»دىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەلەپ بويىچە، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

  دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، خىزمەتتە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

  دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دىققەتنى «ئادىللىق ۋە ئۈنۈم»دىن ئىبارەت خىزمەت باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، سوت خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 21 مىڭ 81 پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ، 17 مىڭ 855 پارچە دېلونى ئاياغلاشتۇردى، بۇ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %54.6، %29.5 كۆپەيدى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 45 مىليون 574 مىڭ پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ، 45 مىليون 268 مىڭ پارچە دېلونى ئاياغلاشتۇردى، بۇ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %15.6 ۋە %13.4 كۆپەيدى.

  دوكلاتتا، جاڭ جۈن 2023 - يىللىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئىككىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردۇق ۋە كاپالەتلەندۈردۇق؛ ئۈچىنچى، ئالدىنقى ئۇچنى تۇتۇش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ تۆتىنچى، سوت قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بەشىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق.

  جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنداق بىلدۈردى: 2024 - يىلى خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ سوت قىلىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى قاتتىق تۇتۇپ، سوت قىلىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىشى كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 4 مىليون 253 مىڭ پارچىنى بېجىردى، بۇ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %28.9 ئاشتى.

  دوكلاتتا، يىڭ يۇڭ 2023 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىككىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، تەپتىش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق؛ ئۈچىنچى، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ تۆتىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بەشىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتۇق.

  يىڭ يۇڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزلەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش جەھەتتىن كۈچەپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ تەپتىش قىلىش ئەمەلىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەپتىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلىغا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇن نازارەتچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن خەلق تەپتىش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى، قاتناشقىنى 2877 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 79 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۈگۈن «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، يىغىن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى نامىدا ھەرقايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملارنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللارنىڭ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن يۈ ۋېيگو، ۋاڭ نىڭ، ۋاڭ شياۋخۇي، ۋاڭ مېڭخۇي، بايىن چاۋلۇ، فېڭ فېي، ليۇ يىلياڭ، سۈن شاۋچېڭ، دۇ جياخاۋ، لى شيۇلىڭ، ياڭ شياۋچاۋ، جاڭ يوۋشيا، چېن گاڭ، لىن ۋۇ، يى ليەنخۇڭ، جوۋ زۇيى، جاۋ يىدې، زۇمرەت ئوبۇل، نى يۆفېڭ، خۇاڭ لىشىن، خۇاڭ چۇپىڭ، جىڭ جۈنخەي، لو شۇگاڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ