سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2024.03.08 08:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى. 14 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆزنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يۇڭ، جۇ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خۇخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېن يۆيۆ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەزا نىڭ جىجې سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادى قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. ئۇ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەزا يى گاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بىلەن مالىيە قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىسمەن ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئۇ مالىيە سىياسىتى بوشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپەيتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەزا شۈ شياۋلەن جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: رەقەملەشتۈرۈشنى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى تېخنىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يادرولۇق يېتەكچى قىلغان يېڭىچە ئىستېمال جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. ئۇ ئېھتىياج تەرەپتىن قول سېلىپ، يېڭى ئىستېمال توپىنى يېتىلدۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتتىن قول سېلىپ، مول مەزمۇنلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە ئىستېمال شەكلى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەزا نەن سۈنخۇي مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلار يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچ. ئۇ كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلىشىگە دائىملىق قاتنىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا چوڭ تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتىنى قوغداپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەزا ما جيەنتاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى كۈتۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئېلىمىزنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش خادىملىرى تەمىناتىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىپ، مەھەللىلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەزا شيا جيې مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش-- نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تىرەك. ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىنات سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۇغۇتقا دوستانە مۇھىت يارىتىش تەكلىپىنى بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ