مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى كۆپ ساھەدىكى مەبلەغ زورايتىلىدۇ، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا 133 تۈرگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سوممىسى 700 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ

2024.03.13 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا بولغان كۆپ ساھەلىك سېلىنما ۋە قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىكەن.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى جاڭ يۈجو: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بۇلتۇر شىنجاڭدا مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 270 مىليارد يۈەنگە يەتتى، يەنە 170 مىليارد يۈەنلىك توختام سوممىسىدىكى ھۆددىگە ئالغان تۈرمۇ بار. كەسىپ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا مەبلەغ سالىدىغان تۈر 133 كە، چېتىلىدىغان سومما 700 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىدە، يېڭى پەن-تېخنىكا، يېڭى مۇسابىقە يولى، يېڭى بازارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپ «ئىنكۇباتورى» بەرپا قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يارىتىش كېرەك. شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە شىنجاڭدا يېڭىدىن 32 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ