شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2024.03.08 08:44 مەنبە: خەلق تورى

  3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ھەربىي كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا، دېڭىز ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل ئەي يىڭچۇن، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم بېرىش قىسمىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋۇ شېڭيەن، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىن كەلگەن ۋەكىل چياۋ شاشا، ئىستراتېگىيەلىك ياردەم بېرىش قىسمىدىن كەلگەن ۋەكىل خې يۈفەن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل ياۋ داڭنەي، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل جېڭ جىن تەرتىپ بىلەن سۆز قىلىپ، دېڭىز ـ ئوكيان ۋەزىيىتىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تور بوشلۇقى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئالەم بوشلۇقى بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئۆلچىمىنى ھەممىبابلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئادەمسىز ئۇرۇش قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ھەربىر ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات ـ پات ئۇلار بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. ئالتە ۋەكىل سۆز قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەر بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيە ۋە يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دېڭىزدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقى، دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېڭىز ـ ئوكياننى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالەم قاتنىشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تور بوشلۇقى مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن ـ تېخنىكا چوڭ ـ چوڭ تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار نەتىجىلەرنى قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى نېگىزىدىن ئېيتقاندا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى مەنبە قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەرنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ گىرەلەشمە، يۇغۇرما تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، توپلانما تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈم ـ مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەمنى ھەممىبابلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەر بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا سانائىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلغار تېخنىكىلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش، تېز ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى قاراشنى يېڭىلاپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئەندىزىسىدە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىزدىنىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەرنى تولۇق ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ