مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ

2024.03.13 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ بۇ يىل شەھەر، يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئېغىر بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك چېقىپ قايتا سالىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى لىنيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ مەخسۇس «شەھەر يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئاپتونوم رايوننىڭ ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنىڭ بىرى قىلدى، بۇ 23-يانۋار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  لى لىنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر تالاپەت كۆرۈلمىدى، بۇ بىر تەرەپتىن، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ كەنت، شەھەر-بازارلاردىن بىرقەدەر يىراق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، يېزىلاردىكى تۇرالغۇلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمىن ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە سىناققا بەرداشلىق بەردى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا 2 مىليون 669 مىڭ 800 ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆيى سېلىندى،11 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

  شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەر تەۋرەش نۇقتىلىق خەتەرلىك رايونلاردىكى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولمىغان ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرۈپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى تەلىپىگە يەتمىگەنلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىش، ئەسلىدىكى ئورنىنى چېقىپ قايتا سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؛ يەر تەۋرەشتىكى نۇقتىلىق خەتەرلىك رايونلاردىكى شەھەر-بازارلار تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالاپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1991-يىلى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن سېلىنغان شەھەر-بازارلاردىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇچتۇرپان، ئاقچى ناھىيەلىرىنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەرتىپكە سېلىش - مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى باشلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ