مۇھىم خەۋەرلەر

ۋەكىل ليۇ خۇڭتاۋ: شىنجاڭدا 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنىڭ قېزىلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قوشۇلغان تۆھپە

2024.03.06 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  ۋەكىل ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنىڭ قېزىلىشى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قوشۇلغان تۆھپە، ئېلىمىز لايىھەلىگەن چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان تۇنجى ئىلمىي ئىزدىنىش قۇدۇقىنى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى تارىم ئىلمىي تەكشۈرۈش-1 بۇرغىلاش ئەترىتى قازغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشتى، بۇ، ئاسىيا بويىچە تىك چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان تۇنجى قۇدۇق بولۇپ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭقۇر تىك قۇدۇق رېكورتىنى يېڭىلىدى.

  مۇخبىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى غەربىي رايون بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭتاۋ بىلەن سۆزلەشتى ھەمدە ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىر يۈ جياڭيەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى چوڭقۇر يەر تەكلىماكان ئىلمىي تەكشۈرۈش-1 قۇدۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىزدىنىش ھېكايىسىنى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئالاقىدار ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەكلىپىنى چۈشەندۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ