لى شى مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى خۇلاسىلەش يىغىنىغا قاتناشتى

2024.02.29 10:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى خۇلاسىلەش يىغىنى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش خۇلاسە دوكلاتىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئۇسۇل، تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  لى شى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى سىياسىي سادىقلىقنى تاۋلاش، ئاممىغا زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى تازىلاش، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى، تەشكىلاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سىستېمىدىكى كادىرلارنى بىر قېتىملىق قەلبكە چوڭقۇر سىڭگەن مەنىۋى تاۋلىنىشقا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان ئىنقىلابىي تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي، ئىنتىزام-ئىستىل، باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا، ئىنتايىن زۆرۈر، ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقى، قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىك، رولىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  لى شى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەڭگۈ توختاپ قالماي ئىدىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، تەشكىلاتنى ساپلاشتۇرۇپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتۇش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تۈزەپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشتىن قوزغالغان روھنى داۋاملىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ليۇ جىنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ