سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2024.03.03 08:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشلەر سالغان ياخشى ئاساستا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتىنى ياخشى باشلىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلاش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىدا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەۋسىيە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئالاقىدار لايىھە ۋە دوكلاتلار تەرتىپ بويىچە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى. يىغىندا يولداش خۇاڭ لىشىننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار، يولداش جاڭ شياۋمىڭنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. يىغىندا ۋۇ يەنشېڭ، ليۇ شىچۈەن، ۋاڭ چاڭچىڭ، ۋاڭ شياۋجۈننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ئېتىراپ قىلىندى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما جاۋشۈ تەكلىپكە بىنائەن «يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ھەم دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى»دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ