ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.03.01 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئارگىنالىنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە مۇقىم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەردە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ، ئاندىن بۇزۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە كۈچنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش؛ مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىدە جانلىق، مۇۋاپىق، دەل، ئۈنۈملۈك بولۇش؛ ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ