لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مىللەت، دىن ۋە چياۋمىن خىزمىتى توغرىسىدا توختالدى

2024.03.06 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-چېسلا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ