شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، شاھبازنىڭ پاكىستان زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى چياڭ زۇڭلى شاھبازغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2024.03.04 12:30 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى شاھباز شېرىفقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭلى شاھباز ۋە پاكىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پاكىستاندىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىشى ئارقىسىدا، پاكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زۇڭلى شاھبازغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ