جاۋ لېجى سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.29 10:49 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو سېررالېئون بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن سېررالېئوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جاۋ لېجى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سېررالېئون پارلامېنتى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى، پارتىيەلەر، يەرلىكلەر، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

  بىئاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سېررالېئوننىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى ۋە ئۇلۇغ دوستى، سېررالېئون جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ