لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختالدى

2024.03.06 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-چېسلا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەش بولدى، خەلق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئالغان بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ياخشى تاماملىدى. يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. زامانىۋى ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەرەققىياتىغا دائىر چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى سىستېمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە-خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ