لى چياڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ ۋە ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2024.02.29 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئون ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سەمىمىي ھەمكارلاشتى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلاردىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن سېررالېئوننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو سېررالېئون بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، سېررالېئوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چامىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى داۋاملىق ئەۋەتىپ، سېررالېئون تەرەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك زىرائەتلەرنى يېتىشتۈرۈشى، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سېررالېئون تەرەپ بىلەن يېزا ئىگىلىك سىياسىتى يىرىك پىلانى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سېررالېئون تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېررالېئونغا مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، سېررالېئوننىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى داۋاملىق ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو سېررالېئون بىلەن ياشلار، مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

  بىئاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېررالېئون جۇڭگونى ئىشەنچلىك تەرەققىيات ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى قويۇق. جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سېررالېئون تەرەپكە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. سېررالېئون تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى قەتئىي قوللايدۇ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئاستىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد ـ سودا، مائارىپ، سەھىيە، نامراتلىقنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېررالېئون بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سېررالېئون تەرەپ جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 28 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كلارك باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 11 - ئايدا جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلىرى سان فرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر قاتار سۆھبەت ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى تەكىتلىدى. 45 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئۇرۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىق بىردىنبىر توغرا تاللاش. جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادتا يۈكسەك دەرىجىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت ئۈچۈن قوش پايدا. ئىككى تەرەپ رەقىب ئەمەس ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ھەر خىل شەكىلدىكى « ئىلمەكتىن ئاجراپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، «كىچىك ھويلا، ئېگىز تام» ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، پەقەت ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى، ئىقتىسادىي ھەتتا يەر شارى تەرەققىياتىغا غايەت زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئېھتىياجنى سىجىل قويۇپ بېرىدۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگو بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ مەدەت ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانىچىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كلارك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فرانسىسكودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش يولغا قويۇشقا بولىدىغان تاللاش ئەمەس، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىشىنى قارشى ئالىمىز. ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سەمىمىي ۋە ئىجابىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ