مۇھىم خەۋەرلەر

«قەشقەر گۈلى» ناملىق كىنو 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا قايتا قويۇلىدۇ

2024.03.05 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ CCTV-6 كىنو قانىلى پىروگراممىسى ئورگان تورىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلگىرى جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو بايرىمىدا قويۇلغان شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنو «قەشقەر گۈلى» 5-چېسلا سائەت 18:08 دە كىنو قانىلىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا قايتا قويۇلىدىكەن.

  «قەشقەر گۈلى»دە جۇڭگو شېنجېن كارخانىچىلىرىنىڭ ئەۋلادى لياڭ پېڭ بىلەن شىنجاڭ قەشقەر ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئايال ئوقۇتقۇچىسى يۈەن شۆنىڭ ئىككىيلەننىڭ شېنجېن-قەشقەر ئىككى جايدا يۈز بەرگەن رومانتىك، تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. «قەشقەر گۈلى» رېئالىزم تېمىسىدىكى كومېدىيەلىك فىلىم بولۇپ، قەشقەردىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىن كۆرۈنۈش ئېلىنغان، مەززىلىك تائاملار، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل بىر گەۋدە قىلىنغان، بىر توپ ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ياشلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان.

  «قەشقەر گۈلى» 2020-يىلى قەشقەردە تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا «شىنجاڭنىڭ ساياھەت چوڭ فىلىمى» دەپ ئاتالغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە قەشقەردە، شىنجاڭدا قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا قويۇلۇشى قەشقەر مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «قەشقەر گۈلى» ناملىق كىنو 2022-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن خوراز بەيخۇا كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندىن باشقا، يەنە 2-نۆۋەتلىك 3-مارت مىللەتلەر كىنو كۆرگەزمىسىگە تاللانغان ھەمدە «مۇنەۋۋەر كىنو قويۇش» شەرىپىگە ئېرىشكەن، يەنە جۇڭگو كىنو مۇزېيىغا كىرگۈزۈلگەن.

  بۇ فىلىم يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىردى. 2022-يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى «قەشقەر گۈلى» ناملىق كىنو قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ، قىرغىزىستاندا قويۇلغان تۇنجى جۇڭگو كىنوسى بولۇپ قالغان ھەمدە تاماشىبىنلارنىڭ قەشقەرگە، شىنجاڭغا، جۇڭگوغا ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان. 2023-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كىنولىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، فىلىمدىكى نۇرغۇن جۇڭگو تاجىك خەلقىنىڭ جانلىق، تەسىرلىك تۇرمۇش، خىزمەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى جۇڭگو-تاجىكىستان تاماشىبىنلىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇ فىلىم ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە تۇنجى قېتىم قويۇلدى، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۈ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىنو ئارقىلىق ئۆزبېكىستانلىق تاماشىبىنلار جۇڭگونىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

  فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ مەزكۇر فىلىم ئۇلارنىڭ بۇ يىل يېڭىدىن ئىشلىگەن بىرقانچە كىنوسى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ