خەن جېڭ دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ يەر شارى باش ئىش بېجىرگۈچىسى شۇيىت بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.29 10:23 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ يەر شارى باش ئىش بېجىرگۈچىسى شۇيىت بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا چوڭ مۈشۈكېيىقنى قوغداش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشقان. تەبىئىي مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئاساسى، ناۋادا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل. جۇڭگو مۇھىت ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، باشلامچىسى. جۇڭگو فوندى جەمئىيەت بىلەن يەنىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  شۇيىت جۇڭگونىڭ يەر شارى تەبىئىتىنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەنى تۈزەش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ