ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.02.28 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك پىكىر-تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى ياردەملىشىش؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، يېڭىلىق يارىتىشچان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-چارە كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىش؛ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياخشى تەشكىللەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچ ۋە كۈچنى يەتكۈزۈش؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك يىغىن ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىن ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك.

  رەئىسلەر يىغىنىدا، 2024-يىلى 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىندى، «ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسى» ئۆگىنىشنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى چېن لى تەكلىپكە بىنائەن دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، لياڭ جېنيىڭ، سۇ خۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ