مۇھىم خەۋەرلەر

ئاياللار-بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك! ئاپتونوم رايونىمىز بۇ ھەرىكەت پىلانلىرىنى يولغا قويىدۇ

2024.03.04 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئانا- بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئانا-بالىلار ساغلاملىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئاياللار، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى A دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيدى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ A دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىدىن ئۈچى، ئىككى A دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىدىن سەككىزى بار. ئاساسىي قاتلام ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 16 ناھىيە دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، «چوڭ قول كىچىك قولنى تۇتۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «توردا ئانا-بالىلارنى يىراقتىن داۋالاش سۇپىسى»نى مۇكەممەللەشتۈردى، ئانا-بالىلارنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى يادرو، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئاساس، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دوختۇرخانا ۋە ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرىنى تىرەك قىلغان ئانا-بالىلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا ۋە بالىلار مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ كىلىنىكىلىق ۋە پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئانا-بالىلار ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى داۋالاش ياردىمى، نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا-بالىلار ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەخسۇس پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاياللار، بالىلار جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانا-بالىلار بىخەتەرلىكى ھەرىكىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئانا-بالىلار بىخەتەرلىكىدىكى بەش تۈرلۈك تۈزۈمنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك، ئېغىر ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش داۋالاش سىستېمىسىنى باھالاشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس سۈپەتنى تىزگىنلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، تېخنىكا قائىدىسى ۋە سۈپەت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ساغلام بالىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئاياللارنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى پۈتۈن ھايات، پۈتۈن دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ