مۇھىم خەۋەرلەر

ئاۋازلىق دۇنياغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز! ئاپتونوم رايونىمىز ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 50 بالىغا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى ھەقسىز كۆچۈرىدۇ

2024.03.04 13:00 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك داۋالاش مەركىزىدە ساۋەن شەھىرىدىن كەلگەن بالا شياۋيېنى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، تۇنجى قېتىم ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى 25-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شياۋيېنى ۋە باشقا ئالتە بالا بۇ يەردە سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ تەڭشەشنى تاماملىدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن كېيىن، ئۇلار بارا-بارا، بىمالال ئاڭلاشنى تاماملاپ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىدۇ.

  شياۋيېنىنىڭ دادىسى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا «بالىنىڭ يىغا ئاۋازى بىزنىڭ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ دادا دەپ چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېدى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە، ئۇ ئوغلىنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  مېيىپ بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالىلىق مەزگىلى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىممىتىگە ئىگە ئالتۇن مەزگىل، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر بالىغا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسىنىڭ خىراجىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. 2018-يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر دەرىجىدە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 368 بالىغا ئېلېكتىرونلۇق سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى ھەقسىز كۆچۈردى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىپ بولۇپ، بۇ بالىلار يەسلىگە ۋە مەكتەپكە كىردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ 50 بالىغا ئېلېكتىرونلۇق سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى ھەقسىز كۆچۈرۈپ بېرىدۇ.نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كىنىشكىسى بار ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار تەخمىنەن 51 مىڭغا يېتىدۇ. يېقىنقى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 21 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئاڭلاش تېخنىكىسى مۇلازىمىتى ۋە ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ