مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 2024-يىللىق 1-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2024.03.01 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى 2024-يىللىق 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمى باشلىقلىرى، ئەرزىيەت ئىدارىسى ئىدارە باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئەرزىيەت خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىسنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە ساقلانغان كەمتۈكلۈك، بوغما ھالەتلەرگە دادىل توغرا قاراپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك، خەۋپ-خەتەرنى ئالدىن كۆرەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىش داۋامىدا سۈپەت-ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى تولۇق زىممىگە ئېلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇشقا پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ