14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى

2024.02.28 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  14 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 165 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجىغا دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشنى ھاۋالە قىلىش تەكلىپى بېرىلدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.يىغىندا يەنە باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

  گوۋۇيۈئەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 9-قېتىم مەخسۇس لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ شيەنمىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە قانۇنچىللىق» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ