لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 6-قېتىملىق مەخسۇس ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.02.27 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار ئاساسىي تۈزۈم قائىدىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ 6-قېتىم مەخسۇس ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئىشنى پۇختا قىلىپ، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى ۋاڭ يىمىڭ چۈشەندۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خې لىفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، دۆلەت كومىسسارى ۋۇ جېڭلۇڭ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى.

  لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە، مەيلى ھازىر ياكى يىراق كەلگۈسى ئۈچۈن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم. نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرى، ئامىل بايلىقى مول، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق توسۇق نۇقتىلارنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇپ، ئامىل بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، بازار ئىجازىتىدىكى تۈرلۈك ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن توسۇقلارنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق، بازارنى بۆلۈۋېتىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق تۈزەش شۇنداقلا جايلارنىڭ ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈزۈم جەھەتتىكى تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈم-قائىدىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان يانداش سىياسەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مالىيە-باج، ئىستاتىستىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ