مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلدى

2024.03.01 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى ۋە «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2024-يىللىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنىڭ چاقىرغۇچىسى قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم خىزمىتى، جايلار، تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنغا تۇتۇش قىلىپ، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىنچىكە ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىش تەقسىملەپ، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىكتە ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سەلبىي تىپىك مىساللارنى تەكشۈرۈپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىر تۈركۈم جاھىل، كونا مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش-كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئالاقىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، راست گەپ قىلىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى قوغداش كېرەك.

  بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلاردىن كەلگەنلەر يىغىندا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ