مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تور پىتنە-ئىغۋا تۈرىدىكى سەككىز تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى

2024.02.29 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەستانىلىرى سانى 50 مىڭدىن ئاشقانلار شىنجاڭغا بارسا مەنزىرە رايونلىرىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ»، «شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 80 نومۇر قوشۇلىدۇ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا! 2-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا توردىكى پىتنە-ئىغۋا تۈرىدىكى 8 تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

  بىرىنچى دېلو: ئىلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى لياۋ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  غۇلجا شەھىرىدىكى لياۋ فامىلىلىك توردا «شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 80 نومۇر قوشۇلىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لياۋ فامىلىلىك توقۇپ ئېلان قىلغان «ئالىي مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 80 نومۇر قوشۇلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تور ئەھلى ئارىسىدا كۆپتۈرۈلۈپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقى بايقالغان. لياۋ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، غۇلجا شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  ئىككىنچى دېلو: ئىلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تاڭ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  تېكەس ناھىيەسىدىكى تاڭ فامىلىلىك توردا «قاتناش ساقچىسى ئادەم ئۇرۇپ، ئوغلاق تارتىشىش خادىملىرىنىڭ قويىنى بۇلاپ كەتتى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، تاڭ فامىلىلىك باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ئۈچۈن، يانفون ئارقىلىق قاتناش ساقچىسىنىڭ ئوغلاق تارتىشىدىغان خادىملارنى ئات مىنىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدىن تەرتىپلىك ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى سۈرەتكە ئالغان ھەمدە ئويدۇرۇپ چىقارغان «قاتناش ساقچىسى ئادەم ئۇردى، ئوغلاق تارتىشىدىغانلارنىڭ قويىنى بۇلاپ كەتتى» قاتارلىق خەتلەرنى قوشۇپ ئېلان قىلغان، قىسقا سىن تارقىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. تاڭ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تېكەس ناھىيەسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەن.

  ئۈچىنچى دېلو: تارباغاتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يۈ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدىن يۈ فامىلىلىك توردا «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 30 نەچچە ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، 18 ئادەم ئۆلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۈ فامىلىلىك دوستىنىڭ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى دېگىنىنى ئاڭلاپ، تەكشۈرمىگەن ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، تەۋەلىكتە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقان. يۈ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، شىخۇ شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  تۆتىنچى دېلو: تارباغاتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ما فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىكى ما فامىلىلىك توردا «تولى سۇ ئامبىرىدىن كەلكۈن كەلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، تولى ناھىيەسىدىكى كۇپ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى ئۈچۈن، تولى ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ ئامبىرىدىن سۇ قويۇپ بېرىش ئېلانى چىقارغان، ما فامىلىلىك باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆرۈلۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقان. ما فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، تولى ناھىيەسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  بەشىنچى دېلو: تۇرپاندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جوۋ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى جوۋ فامىلىلىك توردا «مەلۇم جايدا توپىلاڭ، ئېتىشىش يۈز بەردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جوۋ فامىلىلىكنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، توردا تەشۋىق قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىغا ئاساسەن، مەلۇم جايدا توپىلاڭ، قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى يامان نىيەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان. جوۋ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، پىچان ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەن.

  ئالتىنچى دېلو: ئاقسۇدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  كۇچا شەھىرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك توردا «مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى بەلگىلەنگەن مەستانىلىرى 50 مىڭدىن ياكى 100 مىڭدىن ئاشقان ئۆز تاراتقۇ ئىگىلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقانداق مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ۋاڭ فامىلىلىك مەلۇم جايدىكى قار-مۇز دۇنياسىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەققىنى تۆلىمەسلىك مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ تارقىتىپ، ئالاقىدار مەنزىرە رايونلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن. ۋاڭ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، كۇچا شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  يەتتىنچى دېلو: قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مى xx نىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مى xx توردا «بۇ يەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توپلىشىپ ئۇرۇشتى، ئادەم سانى 200 دىن ئاشتى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەۋەلىكتە بۇنداق دېلو يۈز بەرمىگەنلىكى ئېنىقلانغان، مى xx ئاڭلىغان يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرگە ئاساسەن، «ئىنىمنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوغۇللار توپلىشىپ ئۇرۇشتى، ئادەم سانى 200دىن ئاشتى، ساقچىغا مەلۇم قىلىندى، ساقچىلار كەلگەندىن كېيىن ئاندىن تارقىلىشتى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. مى xx قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەن.

  سەككىزىنچى دېلو: قەشقەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېڭ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  قەشقەر شەھىرىدىكى دېڭ فامىلىلىك توردا «لىفىت ئىچىدە ئالتۇن زەنجىرىم بۇلاپ كېتىلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، دېڭ فامىلىلىك ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن «باشقىلار ماڭا <ھوشسىزلاندۇرۇش ئۇكۇلى> ئۇرغاندىن كېيىن بۇلاڭچىلىق قىلدى، ئالتۇن-كۈمۈش، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىم يوقالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلغان. دېڭ فامىلىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، قەشقەر شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ