14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈلدى

2024.02.27 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

  14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنى 26 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 166 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لو يۈەننىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2 - قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش پىرىنسىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەخپىيەتلىكنى بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق خادىملارنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەرگە قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ