مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا دورا باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئالتە يىلدا جەمئىي %28 تۆۋەنلىدى

2024.02.29 15:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتقان، 2018 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، دورا باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى جەمئىي %28 تۆۋەنلىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جىخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز دورا ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۆلەت، ئۆلكە، ۋىلايەت، شەھەر، داۋالاش ئاپپاراتىدىن ئىبارەت دەرىجىگە ئايرىلغان سېتىۋېلىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش، كېلىشىم باھادا سېتىۋېلىش، ئەنگە ئالدۇرۇپ سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك سېتىۋېلىش شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 32 تۈركۈمدە 1349 خىل دورا، 42 تۈركۈمدە 103 خىل داۋالاش خورىما ماتېرىيالى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا تەشكىللەندى، بۇنىڭغا 1992 تېببىي دورا ئاپپاراتى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتى 1440 (ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 20 مىليارد يۈەن تېببىي دورا خىراجىتىنى تېجەپ قالدى، مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈر سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق مەركەزلىك سېتىۋېلىش يىرىك پىلانىدىكى نىشاننى ئۈچ يىل بۇرۇن تاماملىدى.

  «ئاممىنىڭ دورا سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى چۆرىدەپ، دورا ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدۇق، دورا تۈرلىرى يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، قاندا ماي كۆپىيىش، يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇش، ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەر ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى قاپلىدى، داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى تۈرى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىكى كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىش مىقدارى كۆپ، باھاسى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا چېتىلدى. ئەسلىدە يۇقىرى باھالىق دورا ئىشلىتەلمەيدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئاغرىق باھاسى تۆۋەن، سۈپىتى يۇقىرى دورا ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى» دېدى ۋاڭ جىخۇا.

  مەسىلەن: سوزۇلما دانىلىق ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى بويىچە راكقا قارشى دورا يىماتىنىنى ئىشلەتكەندىكى ھەر ئايلىق دورا خىراجىتى 24 مىڭ يۈەندىن 1246 يۈەنگە تۆۋەنلىدى؛ تاجسىمان تومۇرغا قويۇلىدىغان تىرەكنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13 مىڭ يۈەندىن 770 يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى، سۈنئىي داس بوغۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 35 مىڭ يۈەندىن تەخمىنەن 7000 يۈەنگە تۆۋەنلىدى، سۈنئىي تىز بوغۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 32 مىڭ يۈەندىن تەخمىنەن 5000 يۈەنگە تۆۋەنلىدى، دورىلىق شارسىمان خالتا مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى 20 نەچچە مىڭ يۈەندىن 6300 يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى، ئاممىنىڭ تېببىي دورا خىراجىتى يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ