مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدا بېرىلگەن 590 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

2024.02.29 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنگە ئېلىنغان 590 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى 81 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگە ئېلىنغان 497 پارچە تەكلىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سىستېمىسىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى.ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى جەمئىي 991 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يىغىن مەزگىلىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ 948 پارچە، يىغىن يېپىق مەزگىلىدە تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ 43 پارچە. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسىگە ئاساسەن، 590 پارچە تەكلىپ تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىندى، 16 پارچە تەكلىپ بىرلەشتۈرۈلدى، ئەنگە ئېلىش نىسبىتى %61.2 بولدى.

  ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەردە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش چۆرىدىلىپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 292 پارچە، سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 20 پارچە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 68 پارچە، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 172 پارچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 38 پارچە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ئارقىلىق قىلچە بوشاشماي تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تەكلىپلەرنى بېجىرىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ تەكلىپ بېجىرىشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، بېجىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بېجىرىش تەرتىپىنى چىڭىتىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش - كېڭىشىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش - كېڭىشىش شەكلىنى كېڭەيتىش، ئالاقىلىشىش - كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەكلىپلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ بېجىرىشنى تارماقلارنىڭ كەسپىي خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن «ئىشتىن ئىلگىرى، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن» پىكىر ئالماشتۇرۇش - ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق قەلبنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەش، قەلبنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قايتا زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەزالارنى رازى قىلىش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023 - يىللىق ياخشى تەكلىپلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024 - يىللىق نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى تەۋسىيە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ