مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «تۆمۈر مۇشت ھەرىكىتى»دە 12 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2024.02.27 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بويىچە «تۆمۈر مۇشت» ھەرىكىتىدە خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش مەركەز قىلىنىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېما گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، 12 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ، بازار تەرتىپى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ 12 خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىش 11 تۈرلۈك «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى، گاز ئوچاق، توكلۇق ۋېلىسىپىت، بالىلار ئويۇنچۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ساختىسىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئاغرىق توختىتىش، تىنىچ ئۇخلىتىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئېلان قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دورا ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرىنى قانۇنسىز قوشۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىدۇ؛ كىچىك تىپتىكى پار قازانلارنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش قىلمىشلىرى؛ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان مەھسۇلات سۈپىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش پائالىيىتىدە ساختا ياكى ساختا تەكشۈرۈش، ئۆلچەش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ماي قاچىلاش ئۈسكىنىسىگە ساختىلىق ئىشلىتىش، نائادىل ماددىلاردىن پايدىلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، جۇغراپىيەلىك بەلگىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى سۇيىئىستېمال قىلىش، باھا ئالدامچىلىقى، قانۇنغا خىلاپ ساختا ئېلان بېرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر تۈرلۈك «ئۆزى تاللاش ھەرىكىتى» بولۇپ، مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۆمۈر مۇشت» ھەرىكىتىدە مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى قاتتىق چىڭ تۇتۇلۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، جازالاش بىلەن تەربىيەلەشنى تەڭ قوللىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا ئېغىر جازالاپ، يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق؛ قىلمىشى يېنىك، زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ياكى خەۋپنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگەتكەن، يېنىكلەتكەنلەرنى قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازالاش ۋەياكى جازاسىنى كەچۈرۈم قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك، ئېغىر جازالارنى «بىر تاياقتا ھەيدەش»، «جازانى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش» قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە ئاقىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، 12315 سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپتىن قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچىنى توپلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقاپ، پەرقلەندۈرۈپ، قېزىش ۋە دەل جايىدا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە چېتىشلىق دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جازانى جازانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ. چوڭ، مۇرەككەپ دېلولارغا قارىتا، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالدىن ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو مىساللىرىغا قارىتا، تىپىك دېلو مىساللىرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچۈتۈش ئۈنۈمى سىجىل زورايتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، مەمۇرىي جازا ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئېلان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى جەمئىيەت نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى قاتارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆمۈر مۇشت» ھەرىكىتىدە خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر، ئىجتىمائىي زىيىنى بىرقەدەر چوڭ ھەمدە ئېغىر مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ئالاقىدارلار نورمالسىزلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ