مۇھىم خەۋەرلەر

6-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭدىن 23 كىشى تاللاندى

2024.02.26 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 6-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى نامزاتىنى ئېلان قىلدى، نامزاتتا 958 كىشى بولۇپ، شىنجاڭدىن 23 كىشى تاللاندى.

  بۇ 23 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنى ۋە سېرك، ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك، ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت قاتارلىق كۆپ تۈرلەرگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «ماناس»نى 43 يىل ئېيتقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جاننۇرى تۇرغانباي، «جاڭغىر»نى 45 يىل ۋارىسلىق قىلىپ ئېيتقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى ماندلەي، ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 60 يىل بولغان موڭغۇل ئۇزۇن كۈيلۈك خەلق ناخشىسىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى نورزەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى (تۇرپان مۇقامى)نىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى ھۈسەن مەخمۇت، رۇس تەپ ئۇسسۇلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى ئاننا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى (قۇم بىلەن داۋالاش)نىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسى ئوسمان ياسىن، تاجىكلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى گۈلنىسا ئىسلامخان قاتارلىقلار بار.

  ئوسمان ياسىن تېببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، تۇرپاندا قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى پائال تەتقىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماسلاشتۇردى. ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك 10 نەچچە پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، 20 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىغا ئالاقىدار كىتابلارنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن بىر تۈركۈم شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن.

  تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 23 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى ئىزچىل تۈردە ياش بىر ئەۋلاد ۋارىسلارنى قېزىش ۋە تەربىيەلەشكە پائال قاتنىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، يېزا-قىشلاقلار، مەكتەپلەر، تەربىيەلەش كۇرسلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشخانىلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركەزلىرى قاتارلىق سورۇنلاردا ماھارەت ئۆگىتىپ، تەجرىبە ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ