مۇھىم خەۋەرلەر

ئۇ شىنجاڭلىق بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرلار گۇرۇپپىسىغا كىردى

2024.02.06 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا قەشقەر داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئابدۇقادىر 2023-يىللىق جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مىس بايرىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئارزۇسى بويىچە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ رېپىرلار گۇرۇپپىسىغا كىردى، ئۇ 2023-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۈمۈش قاراۋۇل مەمەتجان ئەخمەت بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

  بۇ يىل 1-ئايدا، 2023-يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يىللىق مۇكاپات تۈرلىرىنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رېپىرلار جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن مەمەتجان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش پۇشتەك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، قەشقەردىن ئالىمجان جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مىس بايراق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى كەمتۈكلۈك ئارتۇقچىلىققا ئۆزگەردى—بەش رېپىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىپلا قالماي، شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان رېپىرلارنىڭ سانىمۇ 2022-يىل 10-ئايدىن بۇرۇنقى 149 نەپەردىن كۆپىيىپ ھازىرقى 1360 نەپەرگە يەتتى ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك رېپىر بەش، دۆلەت دەرىجىلىك زاپاس رېپىر 15، بىرىنچى دەرىجىلىك رېپىر 106، ئىككىنچى دەرىجىلىك رېپىر 93، ئۈچىنچى دەرىجىلىك رېپىر 1141.

  شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر رېپىرلارنىڭ كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىدىيەلىرى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ۋە مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق».

  ئالىمجان ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى رېېپىر كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى، ئەزاسى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كەسپىي سەۋىيەسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە قەشقەر داشۆسىدە ياش رېپىرلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ، يېڭى قان يەتكۈزۈش جەھەتتە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ