شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

2024.02.05 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  2-ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. سۈرەتتە: سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشمەكتە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى بارلىق مەمۇرىي خادىملار، بارلىق خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

  باش باھار مەزگىلىدە، تيەنجىن تۇپرىقىدا بارلىق شەيئىلەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگىرىپ يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ تيەنجىن جىڭبېي رايونىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تيەنجىندە تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرى، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى، بولۇپمۇ تيەنجىننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشىغا كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ