مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ ئاشلىق كۆلىمى، ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى

2024.02.01 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ 2 - مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇ ئىشلىتىشكە ئۇنىۋېرسال كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت چۆرىدەش» جەھەتتە كۈچەپ، «ئومۇمىي مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىش + ئېلاستىك تەقسىملەش» سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، قوغداش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىلىدىغان سۇ 1 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى. «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» ئاشلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى فاڭجېنى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، 2023 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 5 مىليون 863 مىڭ موغا يېتىپ، ئاشلىق ھوسۇلى 3 مىليون 57 مىڭ توننا ئاشتى، ئاشلىق كۆلىمى، ھوسۇلىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق ئامبىرى سىغىمى 665 مىڭ توننىغا يەتتى. پاختىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5 مىليون 112 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە پاختىنىڭ % 90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، دۆلەت دەرىجىلىك پاختا ۋە پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ