مۇھىم خەۋەرلەر

2024- يىلى شىنجاڭدا 63 تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلىدۇ

2024.02.01 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ 2- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: 2024- يىلى، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتناش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش تېز ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. قاتناشقا مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، 63 تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلۇپ، G 0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، G 30 شىڭشىڭشيا - تۇيۇق بۆلىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كېڭەيتىش - ئۆزگەرتىش قاتارلىق 52 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى تېزلىتىلىپ، G 217 ئالتاي - بۇرچىن قاتارلىق 22 تۈر يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، باغراش، بۇرچىن، قابا، جېمىنەيدىن ئىبارەت 4 ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 – دەرىجىلىك) تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى G 331 لىنىيەسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، G 0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر تۈرى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى ئوتتۇرا ئۆتكۈزۈش ئۆڭكۈرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي ئۆڭكۈر پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ