مۇھىم خەۋەرلەر

2023- يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى

2024.01.31 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023- يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن نەقلەشكەن مەبلەغ %16.5 ئاشتى، ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ %48.3 ئاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ