مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 76 ياشقا يەتتى

2024.01.31 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تولۇق ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، خۇشاللىق ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە قوللىدى، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىمە چىقىم قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، 2023-يىلى يۆتكىمە چىقىم 565 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14.4 ئېشىپ، يەرلىك مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %72.1 ىنى ئىگىلىدى. بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 76 ياشقا يەتتى. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشى يامانلىقىنى باھالاشتا شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىدىن بەك سۆزلەش ھوقۇقى بار. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى يەنىمۇ ئېشىپ، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ