مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى

2024.01.31 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى%6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى%8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى%10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى%8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى%20 ئاشۇرۇش؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى%10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى%5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى%6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى%7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى%3 ئەتراپىدا ساقلاش؛ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان دائىرىسىدە تىزگىنلەپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ