مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىلى شىنجاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

2024.01.30 16:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىلى، شىنجاڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتتى، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى قەرەلىدە تاماملىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ