مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مۇتەخەسىسلەرنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، ئۆي ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى

2024.01.24 02:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى دەرھال يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش 2-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، يەر تەۋرەش مەركىزىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ئەتراپتىكى جايلارنىڭ ئۆي ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ سۇ، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال يۈرۈشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ