لى چياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلدى

2024.01.17 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

  شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئالاھىدە سۆز قىلدى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى قوشۇمچە ئىجرائىيە رەئىسى سچۋاب يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىن «قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارغا ئىنتايىن ئۇيغۇنلاشقان. ئىشەنچ ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، لېكىن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا تارىخىنىڭ ئەگرى - توقاي ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ لوگىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقدىرداش بولۇش چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر ئاداۋەتنى تاشلاپ، ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىشەنچ قىزىل رەقىمىنى ئورتاق ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش بىرىكمە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى توپلىساق. ئىككىنچى، خەلقئارا كەسىپلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ھەقىقىي قوغدىساق. ئۈچىنچى، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلىساق. تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل يېشىل توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرساق. بەشىنچى، جەنۇب-شىمال ھەمكارلىقى، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچەپ بەرپا قىلساق.لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان دۆلەت، باشتىن-ئاخىر ئەڭ زور سەمىمىيىتى، ئەڭ زور تىرىشچانلىقى، ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى! جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورى بولۇپ كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، كەسىپ ئاساسى، مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالى ياخشى، مۇقىم، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئومۇمىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا ئىگە ھەمدە ئېھتىياجنى تېز قوزغىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆلىمى زور تەرەققىيات ئېشىش مىقدارى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا سودىسى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ.، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو بازىرىنى تاللاش خەۋپ-خەتەر ئەمەس، بەلكى پۇرسەت. بىز كەڭ قۇچاق ئېچىپ ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى داۋاملىق ئازايتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا دۆلەت پۇقراسىدەك مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  لى چياڭ سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، كۆپ تەرەپلىك سىستېما قاتارلىق مەسىلىلەردە سچۋابنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، كەڭ قورساق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ياخشى ئىدارە قىلىش» ئارقىلىق «ياخشى ئەقىل-پاراسەت»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئاساس قىلىشى كېرەك، جۇڭگو ئۆزى «كېلىشىمنى بۇزۇپ توپتىن چېكىنىپ چىقمايدۇ»، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ «بىر تەرەپنى تاللاپ سەپ بولۇش»ىنى تەلەپ قىلمايدۇ، باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم كۈچ بولىدۇ.

  شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئامخېرد، سىنگاپور زۇڭتۇڭى شاڭدامەن، بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې، گانا زۇڭتۇڭى ئاكۇفو ئاددو، ليۇكسېمبۇرگنىڭ باش ۋەزىرى فرىدېن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، سودا-سانائەت، ئىلىم-پەن، تارتقۇ قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن تەخمىنەن 1500 كىشى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ